您现在的位置:

子见南子 >> 正文 >

3- ئىيۇن جۈمە ئەتىگەنلىك خەۋەر يانفۇن گېزىتى 新闻网

3- ئىيۇن جۈمە ئەتىگەنلىك خەۋەر

باش خەۋەر

2- ئىيۇن، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا 14 كارخانا بوغالتىرلىق، ئاشپەزلىك، پىركازچىك قاتارلىق 500دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئىش ئىزدىگىلى كەلگەن 1200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 700دىن كۆپرەكى كارخانىلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە توختام ئىمزالىدى.

ئاقسۇ خەۋەرلىرى

2 – ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ۋىلايىتىمىز «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ۋە «يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلە شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئائىلىلەردىكى پەرزەنتلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ئائىلىلەردىكى پەرزەنتلەر شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنسا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

2-ئىيۇن، شايار ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى دۆلەت ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك 27 نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، ئۇلارغا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

 

شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېيىنكى ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ قاتناش سىستېمىسى ئۈرۈمچى، سانجى، كۇيتۇن، شىخەنزە، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ئالتە ئورۇندا ETC كارتىسىنى تارقىتىدۇ. بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 6 ئورۇندا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى توختاتماي پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ武汉癫痫治疗医院哪家好n style="FONT-FAMILY: ‘ALKATIP Basma Tom‘; COLOR: black; FONT-SIZE: 10.5pt; mso-bidi-font-size: 12.0pt; mso-font-kerning: 1.0pt" dir="ltr" lang="EN-US">.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ETC كەسپى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، قۇرۇلۇش بانكىسى 23 تىجارەت تور نۇقتىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى، كۇيتۇن، شىخەنزە، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ئالتە ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، 7-ئايدىن باشلاپ جەمئىيەتكە رەسمىي تۈردە ETC كارتىسىنى تارقىتىدىكەن.


مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى «ج خ قاتناش باشقۇرۇش مەمۇرى جازا قانۇنىغا جازالانغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى توپلاش تۈرىنى قوشۇشقا دائىر ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، 1- ئىيۇلدىن باشلاپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەيدىگۈچىلەر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، جامائەت河南什么医院能治癫痫病so-bidi-font-size: 12.0pt; mso-font-kerning: 1.0pt" dir="ltr" lang="AR-SA"> خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا مەمۇرى جازا بېرىش بىلەن بىرگە، جازالانغۇچىنىڭ سىياسىي قىياپىتى ۋە كەسىپ ئۇچۇرىنىمۇ تەكشۈرىدىكەن، ج ك پ پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىمى بولسا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىكەن.

ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تارماق شىركىتى –ئالما ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى سودا چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەدىسىدە تۇرمىغان كارخانا دەپ ئېلان قىلىندى ھەمدە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

 

خەلقئار خەۋەرلەر

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول تۇنېلى سانت گوتتاردو تۇنېلىدا 1-ئىيۇن رەسمىي پويىز قاتنىدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 57.1 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تۇنېل ئالىپ تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، شىۋېيتسارىيە ئۇرى ئوبلاستىنىڭ ئېرستفېل شەھىرىدىن تىتىسنو ئوبلاستىنىڭ بودىئوغا بارىدىغان  ۋاقىت 20 مىنۇت قىسقارغان.

 ستولتىنبېرگ پولشا زوڭتوڭى دۇدا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا癫痫治疗手术费用?، 7-ئايدا ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي قىسىم چېگرا رايوندىكى تەھتىد كۈچلىرى ۋە قوغدىنىش كۈچلىرىنى كۆپەيتىش قارار قىلىنىدىغانلىقىنى، باشلىقلار يىغىنىدا تۇرغۇزۇلىدىغان ئارمىيە سانى ۋە ئورنى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

قەھۋەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

1.قەھۋە قالدۇقى پۇراقنى يوقىتىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توڭلاتقۇغا، ئاياغ ئىشكابىغا قويۇپ قويسا غەيرىي پۇراقنى تۈگىتىدۇ.

2.قەھۋە قالدۇقى تەبىئىي ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ گۈل باقسا، گۈلنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، توپىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويسا، قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما قەھۋە قالدۇقىنى گۈلنىڭ يېلتىز قىسىمىغا كۆممەسلىك كېرەك.

 3.قەھۋە قالدۇقىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، يىپەك رەختكە يۆگەپ، پول سۈرتسە پولنى تېخىمۇ پارقىراق قىلىدۇ.

4. ئەمدىلا قايناتقان قەھۋە قالدۇقىدا مول مىقداردا قەھۋە مېيى بولۇپ، رەختنى قەھۋەنىڭ قالدۇقىغا郑州专治癫痫的医院有哪些 چىلاپ، مىستىن ياسالغان بۇيۇمنى سۈرتسە مىس بۇيۇملارنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

 

ئەسكەرتىش

ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىغا مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز:

كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرى، ئەسكەرتىش: 10658600غاAWBياكىAwbياكىawbنى يوللاپ ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىغا مۇشتەرى بولۇڭ. قالدۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز 10658600غاQXAWBياكىQxawbياكىqxawbنى يوللاڭ.

تېلېگىراف ئابونىتلىرى، 10659205718غاgنى يوللاپ ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىغا مۇشتەرى بولۇڭ

 ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاقسۇ ئاخبارات تورىغا كىرىڭ :http://uy.aksxw.com

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

تەكشۈرگۈچى: ئابدۇخالىق قادىر

 

© http://zw.rpwej.com  秦宫密录网    版权所有